ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا چارۋا ماللاردا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقى ئاشكارىلاندى


خىتاينىڭ «سىننا»تورىنىڭ 23 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، ماناس ئەتراپىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ قوي قاتارلىق مال - چارۋىلاردا تۇيۇقسىز ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئۈندىدار، چ چ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چارۋىلار ئارىسىدا تارقالغان بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇملۇق تۇبېركۇليوز بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە يۇقۇدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ۋەھىمە قوزغالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن مال - چارۋىلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبلىرىگە ئائىت رەسىمى خەۋەرلەر تارقالمىغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

ئۈندىداردا بۇ كېسەللىك ھەققىدە يوللانغان بىر ئۇچۇردا، بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن بىر قىسىم مال - چارۋىلارنىڭ گۆشلىرىنىڭ خىتاي ھايانكەش سودىگەرلىرى ئارقىلىق بازارغا سېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بازاردا سېتىلىۋاتقان ئەرزان قوي گۆشلىرىدىن دىققەت قىلىشى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بىراق، بۇنداق ئىشنىڭ بار - يوقلۇقى تېخى دەلىللەنمىگەن.