چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كونترول قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كونترول قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي دۆلەت ئىشلىرى ئاخبارات ئىشخانىسى 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان بۇ خىل چەكلىمىلەرگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ. بىز دائىرىلەردىن مۇخبىرلارنىڭ ۋەقەنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە چەكلىمە قويماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق دۇنيادىكى 180 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باھالاشتا خىتاي 173-ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى.