چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىنى قانداق باستۇرغانلىقى، ئۇچۇر ئېلىش ئەركىنلىكى، خوڭكاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قانداق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا تاراتقۇلار قامال قىلىنغان بولۇپ، خىتايدا تۇتقۇندىكى مۇخبىرلارنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭ ھاكىمىيىتى 2016-يىلدىن باشلاپ ‹تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ھازىر 71 نەپەر ئۇيغۇر مۇخبىرى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار خىتايدا قامالغان مۇخبىرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پەقەت چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مۇستەقىل دەلىللىگەن ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنىڭ سانى بولۇپ، ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7-نويابىر كۈنى «مىسلىسىز تەكشۈرۈش: خىتايدا ئاخباراتچىلىقنىڭ چوڭ سەكرەپ چېكىنىشى» ناملىق بۇ دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
بۇ ئاخبارات يىغىنىدا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شەرق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سېدرىك ئالۋىيانى، خىتاينىڭ سېنزور ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق خىتايدا «ئۇچۇر قارا ئۆڭكۈرى» ھاسىل قىلغانلىقى، ئاخباراتچىلىقتا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان خىتاينىڭ ئۆز خەلقى، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
