چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ مۇخبىرلارغا قاراتقان سىياسىي كونتروللۇقىنى تەنقىدلىدى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 23-دېكابىر كۈنى تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يولغا قويغان «مۇخبىرلارنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ماركسىزملىق ئاخبارات نەزەرىيىسى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىش ئۇقتۇرۇشى» نى ئەيىبلىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، «دائىرىلەر خەۋەر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى كومپارتىيىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىماقتا. خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى پاش قىلغان مۇخبىرلار زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىپ كەلدى. شۇڭا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاۋۋال ئۆزىدىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ 2003-يىلدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان مۇخبىرلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى كېلەر يىلى 1-ۋە 2-ئاي مەزگىلىدە ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا مۇخبىرلاردىن 6 قىسىملىق «2013-يىللىق ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇخبىرلارنى تەربىيىلەش قوللانمىسى» دىن ئىمتىھان ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، دائىرىلەر مۇخبىرلاردىن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى»، «ماركسىزملىق ئاخبارات نەزەرىيىسى»، «ئاخبارات نەزەرىيىسى»، «ئاخبارات قانۇنى» قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان.