ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى يىغىنىغا قاتنىشىپ، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى ئۆزى بىۋاسىتە تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، چېن چۇەنگو 5-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سۆز قىلىپ، بىڭتۇەننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شى جىنپىڭ تاپشۇرغان غايەت زور سىياسىي ۋەزىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن «بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى كۈچەيتىش، ھەربىي ماھارەت ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە بىلىملىرى ئىگىلىشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان توختىماي بىڭتۇەننىڭ ھەربىيلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى تەكىتلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
تېخى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۇەن دائىرىلىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرغان. شۇ يىغىندىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەننىڭ پارتكوم سېكرېتارى سۈن جىڭلوڭ، بىڭتۇەننىڭ مەركەز تاپشۇرغان ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىيلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى شەرت دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق بىڭتۇەننىڭ كۈچى بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنىڭ توختىماي تەكىتلىنىشى ئەندىشە قوزغايدىغان بىر بۇرۇلۇش، دەپ قارىماقتا.