چېن چۈەنگو چەتئەللەردىكى «بۆلگۈنچىلەر» گە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەرگىمۇ زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، چېن چۈەنگو خەلق گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى» كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن چېگرانىڭ ئىچى-سىرتىدىكى، «شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى شۇنداقلا ئىنتېرنېت تورىدىكى بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 11-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى يەنە مەخسۇس «چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى» يىغىنىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئالغان بىلەن تەڭ ئەمدىكى نىشانىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مىللىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشكىمۇ قاراتماقتىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئوتكەن يىلى مىسىر دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئېغىر تەقىب ۋە تۇتقۇنغا ئۇچراتقان ئىدى.