جېيمىس توۋېن فوندى: «چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ»

ئامېرىكىدىكى «جېيمىس توۋېن فوندى جەمئىيىتى» ناملىق تەتقىقات ئورنى پەيشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتى قىسقا مۇددەتلىك بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىلدە يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر دوكلاتنى ئادرېيان زېن ۋە جېيمىس لېيبولد ئىسىملىك ئىككى تەتقىقاتچى تەييارلىغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار چېن چۈەنگونىڭ بىخەتەرلىك ئىستېراتىگىيەسىنىڭ ئەڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان خەلق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەسىر قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ھەر خىل ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنۈم كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇلار، «چېن چۈەنگو: بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئادىمى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە 3 زور خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ خەۋپنىڭ بىرىنچىسى ئىقتىسادى خەۋپ بولۇپ، چېن چۈەنگونىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەركىن ئېقىشىنى چەكلەپ، بېيجىڭنىڭ نىشانلىق ياردەم پروگراممىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. ئىككىنچى خەۋپى مىللىي ئىختىلاپنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق جىددىيلەشتۈرىدىكەن.

ئانرېئان زېنز ۋە جېيمىس لېيبولد دوكلاتىدا، چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتى پەيدا قىلىدىغان 3‏-خەۋپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايوندىن قېچىشقا ئېلىپ بارىدىكەن. دوكلاتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «چېن چۈەنگو ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانىغا ئايلاندى. چۈنكى، ئۇ خىتايلاررنى شىنجاڭدىن ھەيدەۋاتىدۇ»، دېگەن.