ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان «قاتتىق زەربە بېرىش» تىن ئىبارەت «باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» توغرىسىدا توختىماي سۆزلەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، چېن چۈەنگو خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدىمۇ قۇرۇلتايدا بەلگىلەنگەن 9 -نۆۋەتلىك ھەيئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت باش نىشانغا خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە: «ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، تېز تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، بىر قولدا زوراۋان-تېررورچىلار، جىنايەت شايكىلىرى ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىمىز كېرەك...» دېگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكتىن سۆز ئاچقاندا ھە دېسە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىشىنى «زوراۋانلىق» دەپ تەنقىد قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى چېن چۈەنگونى بۇ خىل پوزىتسىيىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى، مىللىي كەمسىتىشنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك، دىنى ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرز قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.