چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان رايوندىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جاي-جايلىرىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى» ياكى «قوشماق تۇغقان بولۇشى» كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كې 29 نەپەر خىتاي كادىرنى باشلاپ، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە يېتىپ بارغان. ئۇلار گۇما ناھىيىسىنىڭ چودا يېزىسىغا قاراشلىق ھەرقايسى كەنتلەرگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى چېن چۈەنگو 1-قول سېكرېتار بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن 5-تۈركۈمدىكى خىتاي كادىرلىرى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا تەڭ-باراۋەر بولۇشىدۇر. باراۋەرلىك بولمىغان، مىللەتلەر ئارا قارمۇ-قارشىلىقلار يامرىغان بىر جەمئىيەتتە سۈنئىي يوسۇندىكى ‹قوشماق تۇغقان› چىلىق تەشۋىقاتلىرى ھېچقانچە ئۈنۈم يارىتالمايدۇ، دېگەنلەرنى تەكىتلىمەكتە.