چېن چۈەنگو قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا «مىللەتلەرنىڭ تۇغقانچىلىقى» نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو 14-ۋە 15-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، «مىللەتلەرنىڭ تۇغقانچىلىقى» تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاقگەۋدىسى» ئىدىيەسىنى تېخمۇ مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە شى جىنپىڭنىڭ 1-ئىيۇلدىكى نۇتۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. شى جىنپىڭ 1-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىلەش پاالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، غەربكە تەھدىت سالغان. ئۇ خىتاينىڭ «مۇقەددەس ۋەزخانلىق» قا ياكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

چېن چۈەنگونىڭ زىيارىتى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان كۈنىگە توغرا كەلگەن. چېن چۈەنگو قەشقەردە خەقلئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرى» دەپ قارىلىۋاتقان كىيىم-كېچەك، كۆكتاتچىلىق، ناۋايچىلىق باغچىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. شۇنداقلا «بالىلار لاگېرلىرى» دەپ قارىلىپ كەلگەن بارېن يېزىسنىڭ يۇقۇرىقى بارېن كەنتىدىكى بىر يەسلىنى زىيارەت قىلغان.

بۇ خىل «ياتاقلىق مەكتەپلەر»، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، ئائىلىسى، تىل ۋە مەدىنىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەد قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەركىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۈەنگو يەنە «شىنجاڭنى ئىچكىرى ئ‍ۆلكىلەرگە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش» نى تەكىتلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈشنى تېخىمۇ چوقۇرلاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاق بىر ئائىلە تۇغقانچىلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلىق پائالىەتلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەك،» دېگەن.