«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 2-تۈركۈم سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، «سىياسىي ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن-تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرجەملىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئالدى بىلەن ئادەملەرنى تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىش، سىياسىي قانۇن مۇھىتىنى يەنە بىر دەرىجە ياخشىلاش كېرەكلىكىنى» نى بىلدۈرگەن.
چېن چۈەنگونىڭ تەكىتلىشىچە، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش بىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆزى باش بولۇپ، تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ۋە جايلاردىكى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتكوملىرى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىكەن ۋە كونكرېت خىزمەتلىرىدىن جاۋاب بېرىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار بىرلىكتە ئىجرائات ئېلىپ بارىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى تالىبان كۈچلىرىنىڭ كابۇلدا ئۆز غەلبىسىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا تالىبان بىلەن ھەمكارلىشىش سىگنالى بەرگىنىگە قارىماي، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر رايونىدا كۈتۈلمىگەن تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ئاساسلىق غەرىزى يەنىلا، تالىبان كۈچلىرىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» بىلەن باغلاپ، ئۇلارنى داۋاملىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئىكەن.