ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگۇ تۇنجى يىغىنىدىلا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تەكىتلىدى

30-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈنگو دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ ئۆز رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى يىغىنىنى ئاچقان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ سۆزىدە خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىنى بوشاشماي ئىجرا قىلىپ، رايوندا مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن توختىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن قەتئىي بولۇش، ئىدىيىدە بىرلىك بولۇش، غايە ئېنىق بولۇش دېگەندەك رايوندىكى سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قېلىپلاشقان چاقىرىقلىرىنى تەكرارلىغان.

رايوندىكى ئەمەلدار ئالمىشىش ھەققىدە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، رايوندا ئەمەلدار ئالماشسىمۇ، يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ «ئەبەدىي ئەمىنلىك» دېگىنىنىڭ رايونىدا ئۇيغۇر مەۋجۇدىيىتىنى يوق قىلىپ، رايوننى خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.