ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۇەنگو 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنقى بەش يىللىق سىياسەتلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىغان.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىپ كەلگەن، بىراق بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالغان ئاتالمىش «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى» نى مۇئەييەنلەشتۈگەن. ئۇ بۇ مەزگىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەردە «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» تۇرغۇزۇلغانلىقى، رايوندا «ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى» ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چېن چۇەنگونىڭ تەكىتلىشىچە، يوقۇرىقى تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختا سېلىنغان. چېن چۇەنگو: «بۇ بەش يىل مابەينىدە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىنتايىن دانا ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى،» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ سىياسىتى «شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي مۇۋاپىق» ئىكەن. بىراق چېن چۇەنگو بۇنىڭ قانداق بەدەللەرگە كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قانداق زىيانلارنى تارتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
چېن چۇەنگونىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇلار شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.»
چېن چۇەنگو بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن يېقىنقى 5 يىل جەريانىدىكى سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قىلغان. چېن چۇەنگو بۇ سۆزلەرنى قىلغان شۇ كۈنى دۇنيادىكى 43 دۆلەت ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئورتاق باياناتتا خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.