ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېڭىدىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا باش قاتۇرۇشنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىغا ئەزا بولۇشقا بەكرەك تىرىشىۋاتقانلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» ۋە «خىتاي خەۋەرلىرى ۋاقتى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى ماقالىلىرىدە چېن چۇەنگونىڭ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق خىزمەتداشلىق ۋە قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە شۇنداقلا ئۇنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان مەزگىللەردە تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەنلىكى قاتارلىقلارغا تەپسىلىي يەر بېرىلگەن.
بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان خىتاي زىيالىيسى باۋ جيۈ «چېن چۇەنگونىڭ خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئالىي رەھبەرلىك بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 19-قۇرۇلتايدا سىياسىي بيۇروغا ئەزا بولۇشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن» دېگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېتىپ بېرىپلا، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ناۋادا ئۇ سىياسىي بيۇروغا تاللانسا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىدە يەنە بىر قېتىملىق «قاتتىق قوللۇق» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.