چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلىمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇ 25-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ۋە «بىز قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەر خىل سىياسىي بىخەتەرلىك خەۋپىنى قەتئىي تۈگىتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن يامرىغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى زور بالايىئاپەتكە ئايلىنىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇشى سەۋەب بولغانلىقى كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. بۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمى ئىچىدىمۇ شى جىنپىڭگە بولغان نارازىلىقنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان. شۇڭا چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

چېن چۈەنگو شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە، رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى بەرپا قىلىش، دىننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.