چېن چۈەنگو قەشقەر زىيارىتىدە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ۋە «نامراتلىقىنى تۈگىتىش» نى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر رايونىدا تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قامالى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنلا ھەر دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا، بولۇپمۇ قەشقەرگە زىيارەتكە بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغان.

ئۇ زىيارىتىدە «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشانغا يېتىش بىلەن بىرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 18-20-ئاپرېل كۈنلىرى خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، خىتاي دۆلەت كابىنېتى «نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇانىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن قەشقەرنى زىيارەت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا يۈزلىنىشنى ئاساسىي نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلەرنى جەنۇبقا ئورۇنلىشىشقا تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.