دائىرىلەر ئاتالمىش «چەتئەل جاسۇسلىرى»نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قولغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.04.11

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى»نىڭ 11-ئاپىرىلدىكى سانىدا«چەتئەل جاسۇسى شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا تورغا چۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېرىلىپ، بۇلتۇر ياز پەسلىدە دالادا پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان بىر چەتئەللىك ياشنىڭ پوستا تۇرۇۋاتقان خىتاي قاراۋۇلىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان نەق مەيداندا بايقىلىپ، تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ رەسىم ئاپپاراتىدىن ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ بايقالغانلىقى» خەۋەر قىلىندى. ئەمما خەۋەردە ئاتالمىش چەتئەل جاسۇسىنىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىدى.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە 10-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «چەتئەللىك جاسۇسلار ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەردىن كېيىن بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى. «بېيجىڭ گېزىتى» نىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭ شەھىرى قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىپ، چەتئەل جاسۇسلىرىنى پاش قىلغان پۇقرالارغا 10 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، خىتايدا چەتئەل جاسۇسلىرىغا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىش تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بايقالغان ئىقتىسادىي -پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ھەتتا ھەربىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان خىتاي جاسۇسلىرى پاش بولۇپ، جازالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن مەزگىلدە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەكىتلىنىۋاتقان ئاتالمىش «چەتئەل جاسۇسلىرى» غا زەربە بېرىش مەسىلىسى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم چەتئەللىكلەرنى خىتايغا قارشى نىيىتى بار، دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن» لىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.