خىتايغا بىۋاسىتە سېلىنغان چەتئەل مەبلىغى بۇ يىل 7.3 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايغا بۇ يىل يانۋاردا بىۋاسىتە سېلىنغان چەتئەل مەبلىغى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.3 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى مەبلەغلەر پۇل مۇئامىلە بازىرىغا سېلىنغان مەبلەغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

باشقا ساھەلەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان چەتئەل مەبلىغى 2012-يىلدىكىدىن 9 مىليارد 270 مىليون دوللار تۆۋەنلىگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بايانچىسى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، تۆۋەنلەش سوممىسىنىڭ «ئاز ئەمەس» لىكنى تەن ئالغان.

مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتايغا بىۋاسىتە سېلىنىدىغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

2012-يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىمۇ 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، ئۆرلەش نىسبىتى 7.8 پىرسەنت بولغان ئىدى.