خىتاينىڭ چەتئەل پاسپورتى ئالغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاشلا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل پاسپورتى ئالغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاشلا زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «ساقچى دۆلىتى تۈزۈمى» ۋە لاگېرلار ھەققىدە مۇھىم خەۋەرلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان مۇخبىر مېگا راجاگوپالان چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ «بازفىد» ناملىق تور ژورنىلىدا مەخسۇس بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تۈركىيە پۇقراسى تۇرۇقلۇق ئاخىرقى قېتىم تىجارەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بارغىنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، يۇرتى غۇلجادىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلغان بىر ياش ئۇيغۇر تىجارەتچىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچى جەمئىي 38 كۈن قاماپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم ئاچ ۋە ئۇيقۇسىز قويۇلغان، سوئال-سوراق قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بىر كۈنى ئۇ ساقچىغا ئۆزىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ساقچى ئۇنىڭغا «سەن تۈرك ئەمەس. سەن دېگەن مۇشۇ يەرلىك. ئۆزۈڭنى ئالاھىدە چاغلاپ قالما. بىز باشقىلارنىڭ تىنچ ياشىشى ئۈچۈن ساڭا ئوخشاشلارنى ئۆلتۈرىمىز،» دەپ ۋارقىرىغان.

«بازفىد» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، تۈركىيەدىن بېرىپ يوقاپ كەتكەن ئاز دېگەندە 6 كىشى بار بولۇپ، ئۇلار تېخى يۇقىرىقى بۇ ئۇيغۇر سودىگەردەك قايتىپ كېلىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئوندىن ئوشۇق بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھەر ئىككىلا تەرەپ ھازىرغىچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرغا قامالغان 3 نەپەر ئاۋسترالىيە پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. «بازفىد» ژۇرنىلىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بىر نەپەر ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىدىكى بىر بوۋاقنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىب ۋە بېسىم سىياسىتىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن قوغداش ھەققىدە مەخسۇس بىر ماددا كىرگۈزۈلگەن.