مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن باشلانغان غۇلغۇلا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ بىر قېتىملىق ئۇشتۇمتۇت ھادىسە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ پىلانلىق ۋە قەدەم-باسقۇچلۇق تەدبىرى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىشكە باشلىماقتا.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىرتتا ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ئەسەبىيلىكنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى مىسال ئېلىنغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشلىرىنى بۇ ئىشلارنى نەچچە ئايلار ئىلگىرىلا باشلاپ بولغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك بىر قىسىم چەت دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم بولغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەرقاچان نامەلۇم بولۇپ كەلگەنلىكى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ خوڭكوڭدىكى خادىمى ۋىلليام نې بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىسلام ئەقىدىسىنى باستۇرۇشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەلدىن كېلىدىغان ئىدىيەلەرنىڭ ئىسلام دىنى، خرىستىئانلىق ياكى دېموكراتىيەگە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» بۈگۈن جىددىي مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ھازىرغا قەدەر مىسىردىن 22 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمئىيەتتىن تېزدىن مىسىر ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
