ئۇيغۇر رايونىدا «دۆلەت پۇلى بىلەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش 2021-يىللىق تۈرى» گە ئىلتىماس سۇنۇش باشلانغان

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 2-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپ سىستېمىسىدا بولمىغانلارنىڭ «دۆلەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش 2021-يىللىق تۈرى» گە ئىلتىماس سۇنۇش باشلانغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىلتىماس يوللاپ بولۇش تەلەپ قىلىنغان. غەربىي رايوندىن ئوقۇشقا چىقىدىغان ۋە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ بارىدىغانلار ئۈچۈن 1770 سان بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن 20 ئادەم تاللاپ ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن پەقەت 20 ئادەمنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىشىنى كۆپ نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشقا بولىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىم، دوكتورلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تۈرمە ياكى لاگېرلارغا سولاپ بولغان بولۇپ، ئەگەر بۇ 20 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار دېيىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلگە چىققان ياكى چەت ئەلدە تۇغقانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمە-لاگېرلارغا سولاۋاتقان، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن ئەھۋالدا، ئۇلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقارماقچى بولۇشى كۆز بويامچىلىق ھەم تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 20 ئادەمنى مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى خىتاي بولسۇن، چەت ئەلگە چىقىرىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوبراز ۋەكىلى ھەم تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.