بۈگۈن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئەزاسى ياڭ جىيەننىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا چېتىلىدىغان ئۆتمۈشى كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىماقتىكەن. ياڭ جىيەننىڭ خىتاي ئىستىخباراتىغا چېتىشلىق ئۆتمۈشى خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئۈستىدە جىددىي ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان.
ياڭ جىيەن، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ 2011-يىلى تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، بۇ يىل 23-سېنتەبىردە بولسا 3-قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئىدى. يېڭى زېلاندىيە «بەش كۆزلەر» دەپ ئاتالغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىستىخبارات تورىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ، ياڭ جىيەن يەنە يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتلىرىنىڭمۇ ئەزاسى ئىكەن.
ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» بىلەن يېڭى زېلاندىيە تور خەۋەرلىرى يېقىندا ياڭ جىيەننىڭ خىتايدىكى ئۆتمۈشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇرۇن خىتاي ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقى ۋە لوياڭ چەتئەل تىللىرى ئاكادېمىيىسىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لوياڭ چەتئەل تىللىرى ئاكادېمىيەسى خىتايدىكى ھەربىي ئىستىخبارات خادىملىرىنى تەربىيەلەيدىغان جاسۇسلۇق مەكتىپى بولۇپ، ياڭ جىيەن يېڭى زېلاندىيە كۆچمەنلىكىگە ئىلىتماس قىلغاندا ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىنى يوشۇرغان ئىكەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭ جىيەن ئۆزىنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرىغا دەرس بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ پەقەت مەمۇرىي خىزمەتچى قاتارىدا مائاش ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرىنى يېقىندىن بىلىدىغان سابىق ئەمەلدارى نىكولاس ئېفتىمىيادېس خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىكى مەمۇرىي خىزمەتچى دەپ ئاتىلىدىغانلارنىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان ۋە يۆتكىلىشچان خادىملار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بۇنداق خادىملار مەيلى فورمىلىق بولسۇن مەيلى فورمىسىز بولسۇن ئاكتىپ ئىشپىيونلۇق خىزمىتى قىلىدۇ» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە بولسا، خىتايدىكى مەزگىلىدە كومپارتىيە ئەزاسى بولغان ياڭ جىيەننىڭ يېڭى زېلاندىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كومپارتىيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ياكى توۋا قىلغان ھېچقانداق بىر ھەرىكىتى يوق ئىكەن.
بىر قانچە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتايدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاچان پارتىيە تەرىپىدىن قوغلاندى قىلىنمىغۇچە، ئۆز مەيلىچە پارتىيە ئەزالىقىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتايدا 30 يىلدىن ئوشۇق خىزمەت قىلغان يېڭى زېلاندىيەلىك ئىقتىسادشۇناس رودنېي جونېس بولسا كومپارتىيىدىن «توۋا قىلىپ باقمىغان» بىر سابىق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدا ئورۇن ئېلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇنى ئىستېپاغا چاقىرغان.
بىراق، ئۇ ئىستېپا چاقىرىقلىرىغا قارىماي، بۇ ھەپتە خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋاڭ لۇتۇڭ بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە بىرلىكتە بولغان ھەم بىللە سۈرەتكە چۈشكەن.