چېخىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى پاۋېل فىشېر، چېخىيە كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدىن چېخىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارىتا چەكلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىشى زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى 20-ئۆكتەبىر پالاتا ئەزاسى پاۋېل فىشېر ۋە جىرى ئوبېرفالزېرلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزگەن. گۇۋاھلىق يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.
پاۋېل فىشېر 21-ئۆكتەبىر كۈنى X (ئىلگىرىكى تىۋىتتېر) ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىندا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە بېيجىڭنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇشى، ياۋروپا ھەم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار جىنايى قىلمىشلاردىن داۋاملىق پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت بىرىنچى قول گۇۋاھلىقلارنى ئاڭلىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
پاۋېل فىشېر X تىكى سۆزىدە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشى، ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە چېخىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتىش سوئالى پەيدا قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىستىك خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر قۇللار ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ياۋروپادا قۇللار ئەمگىكىدىن پايدىلىنىدىغان تىجارەتچىلەرگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك» . ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنى زورلۇق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش داۋاملاشماقتا» ئىكەن. چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، ياۋروپاغا چىقارغان ئېكسپورتى تېز ئېشىۋاتقان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. 20-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، شاھىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن.