خىتاي چېچىنىيەدىن تېررورلۇققا قارشى ئامانلىق كۈچلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېچىنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتىدە خىتاي تەرەپ چېچىنىيەدىن تېررورلۇققا قارشى ئامانلىق كۈچلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

چېچىنىيە پرېزىدېنتى رامىزان قادىروفنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى، چېچىنىيە گۈدۈرمەس ئانتى تېررورلۇق مەشق مەركىزىنىڭ باشلىقى دانىئال مارتىنوف چېچىنىيە بىخەتەرلىك ۋەكىللە ئۆمىكىنى باشلاپ، ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ھەم خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. دانىئال مارتىنوف رۇسىيە ئاخباراتى-«گازىتا رۇ»غا بەرگەن ئۇچۇرىدا، خىتاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ چېچىنىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. دانىئال مارتىنوف، خىتاي تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئامانلىق كۈچلىرىنى چېچىنىيەدىكى گۈدۈرمەس مەشىق مەركىزىدە تەربىيىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم مەشىقنى دەرھال باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق دانىئال مارتىنوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ چېچىنىيەنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشى مەسىلە ئەمەسلىكى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەت ۋە كېلىشىملەرنى تاماملىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ بۇ يىل 5‏-ئايدا چېچىنىيەنى زىيارەت قىلىپ، گروزنى بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن چېچىنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان. ئەمما بۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا چېچىنىيەنى ئۈلگە قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلغان.