ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چىلانلىرى خىتاي شىركەتلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئالدىدا تۇرماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى چىلانزارلىقلار ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، چىلان تېرىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىزچىل مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چىلانلىرى پوستى نېپىز، ئەتلىك ۋە تەملىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك زىياپەتلەردە خىتايلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدا چىلان ئىشلەپچىقىرىشىنى كەسىپلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بولۇپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چىلانزارلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپى بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان چىلانلارنىڭ تەييارلىنىش باسقۇچىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىشلىتىلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ چىلاننى ئامېرىكا بازىرىغا ئىمپورت قىلىشقا بولمايدىغان تاۋارلار قاتارىغا كىرگۈزگەنىدى. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئوراپ-قاچىلانغان چىلانلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا يەنىلا سېتىلىۋاتقانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى چىلانزارلىقنىڭ كۆلىمى ئاللىقاچان بەش مىليون موغا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، كۆپىنچىسى تەكلىماكان چۆلىنىڭ بويىدىكى خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى چىلانلارنىڭ سۈپىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چىلانلارنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ» دەپ تەسۋىرلەنگەن. شۇنىڭدەك بۇ چىلانلارنىڭ ئەسلىدە ئىككى مىڭ يىلچە ئىلگىرى خىتاي تەۋەسىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا تارقالغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا چىلان ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى بېسىپ چۈشكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى جون ۋىلكىنسون (John Wilkinson) نىڭ «بىرىتانىيە ۋە ياۋروپانىڭ دەرەخلىرى» ناملىق ئەسىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەردە چىلاننىڭ ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىكەنلىكى، كېيىنچە چىلاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا تارقالغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك چىلان دەرىخىنىڭ كۆپىنچە سوغۇق ۋە قۇرغاق رايونلاردا ياخشى ئۆسىدىغانلىقى، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.