موڭغۇل تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس چىڭگىزخاننىڭ رەسىمىگە ھاقارەت قىلغان بىر خىتاي پۇقراسى ئىچكى موڭغۇلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي پۇقراسىنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان.
لو فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى بۇ يىل 5-ئايدا يىڭچۈەن شەھىرىنىڭ بىڭخې يېڭى رايونىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت مەيدانىغا قۇرۇلغان موڭغۇل چېدىرىغا كىرىپ، چېدىردىكى چىڭگىزخاننىڭ رەسىمىنى يەرگە تاشلاپ دەسسىگەن ۋە ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغان. ئاندىن ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىپ توردا تارقاتقان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئوردۇس ۋىلايىتىنىڭ ئېجىنخورو خوشۇنلۇق سوت مەھكىمىسى لو فامىلىلىك خىتاينى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «مىللىي كەمسىتىش» ۋە «ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاپ، 12-دېكابىر كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
لو فامىلىلىك خىتاينىڭ ھەرىكىتى چىڭگىزخاننى ئۆزىنىڭ «بۈيۈك ئەجدادى» دەپ قارايدىغان موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بەزى موڭغۇللار ئوردۇس ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنى ئەرز قىلىپ، بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتقۇچىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقىغا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى، دەپ قارىغان. لېكىن لو فامىلىلىك خىتاينىڭ «قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتىنىڭ ئاران بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بەزى خىتايلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ سىنا تورىدا بىر باھالىغۇچى قاماق جازاسىنىڭ بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، «خىتاينىڭ قانۇنى ئۆلچەملىك ئەمەس، بەك ئېلاستىكلىق،» دەپ كۆرسەتكەن.
