چىرا ناھىيىسى بۇ يىل ئىچىدە 60 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن «تەڭرىتاغ تورى» دا «چىرا ناھىيەسىدىكى 1000 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان كارخانا خىزمەتچىسىگە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چىرا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدىن تاللىۋېلىنغان مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ياش دېھقان «شىنجاڭ كۇنپېڭ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى»گە ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغان. مەزكۇر شىركەت يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر تۇتاش ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، چىرا ناھىيىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاكتىپ ناھىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ھازىرغىچە چىرا ناھىيەسىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 20 مىڭدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى باشقا ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 18 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

چىرا ناھىيىسى بۇندىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدىن تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى ياشلارنى سىرتقا «ئېكسپورت» قىلىدىغانلىقىنى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ياشلارنى 60 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.