خىتاي دائىرىلىرى يەنە 3 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى


خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى 31 - ئىيۇل جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى ياڭ ۋېيزې، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سىياسىي كېڭەش رەئىسى، ئىچكى موڭغۇل ج خ نازارىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى، نازارەت باشلىقى جاۋ لىپىڭ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى جيۇ خې قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلمىشى سەۋەبلىك بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 3 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلداردىن نەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ياڭ ۋېيزې ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى جيۇ خې قاتارلىق ئىككەيلەن، خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پارىخورلۇق قىلمىشى باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئىچكى موڭغۇل ج خ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋە نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ پېنسىيىگە چىققان جاۋ لىپىڭ بولسا بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ چى فىڭ شەھىرىدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تېخى تۈنۈگۈنلا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشۇڭنىڭ 30 - ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەلۇم بولىشىچە 2013 - يىلى يىل ئاخىرى باشلانغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ھازىرغا قەدەر 50 تىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار، 20 گە يېقىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار، 10 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.