ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈنلىرىدە يېڭى ئېمبارگو تەدبىرى قويدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 9-دېكابىر «خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى» ھەم 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چەت ئەل دۆلەتلىرىدىكى چىرىكلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق 14 شەخس ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. بلىنكېن 9-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا چىرىكلىشىشتە رول ئوينىغۇچىلارنى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ب د ت نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ۋەدىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ».

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئامېرىكاغا كىرىشتىن چەكلىنىدىكەن.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى زېنبابۇۋىدا چىرىكلىككە چېتىشلىق 9 شەخس ۋە 19 ئورۇنغا، شۇنىڭدەك سۈرىيە ھەم يەمەندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى شەخس ۋە بىر ئورۇنغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2024-يىلى 67 شەخس ۋە ئورۇنغا «ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» بويىچە جازا قويغان، شۇنىڭدەك 81 شەخسكە ئامېرىكانىڭ 7031-نومۇرلۇق قانۇنى بويىچە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. شۇنداقلا يەنە 200 شەخسكە دېموكراتىيە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەم سودا جاسۇسلۇقى يۇمتاللىرىنى خاتا مەقسەتكە ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ۋىزا چەكلىمىسى قويغان. باياناتتا، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شەخسلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 7-ئايدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەينى ۋاقىتتا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كىشىلىك ھوقۇقتىن سىرت، تېخنىكا ساھەسىدىكى تالاش-تارتىشقىمۇ كېڭەيمەكتە. ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 8-دېكابىر خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىگە ھەقدارلىق قىلىش ‹قانۇنى ھوقۇقى› يوق» دەپ كۆرسەتكەن.