دەررىن بايلېر: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھالاللىقنىڭ چوشقا يىلىدىكى تەقدىرى»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «چوشقا يىلى» نى تەبرىكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئاساسلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

دەررىن بايلېر 6-فېۋرال كۈنى «SupChina» ناملىق تور ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ھالاللىقنىڭ چوشقا يىلىدىكى تەقدىرى» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئۇچراۋاتقان جىددىي خىرىسنى مۇلاھىزە قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى 2018-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا تېڭىشنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا ماس قەدەمدە چوشقا گۆشى يېيىشنى تۈرلۈك تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تەرغىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە خىتاي تور بەتلىرىدە چىققان خەۋەرلەردە ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆزى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزگىلىدە زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2019-يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشتىن نېمە ئۈچۈن شۇنچە قورقىدىغانلىقىغا تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشىدىن سەسكىنىشىنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ پەقەتلا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەسلىكى، ئادەتتە دىندىن خالىي ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەتئىي چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەسلىكنى ئۇيغۇر بولۇشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ھوقۇقىنى ئىپادە قىلىدىغان بىردىن-بىر ئېلېمېنتىدەك قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇمارىس دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا چوشقا گۆشى يېيىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان روھىي زەربىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا ياكى چوشقا گۆشىگە مەجبۇرلىنىشى بۇندىن ئىلگىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىمۇ يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىقىنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتايلارنىڭمۇ ئۆز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى چەكلەنگەن ئىكەن. خىتاي ئۇ چاغدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۆزلىگەن. بىراق ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن ئالماشتۇرۇۋېتىشنى نىيەت قىلغان.

دەررىن بايلىر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «بۇرۇت ماجىراسى» ناملىق ھېكايىسىدىن مىسال بېرىپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىق بىلەن ھازىرقىسىنى سېلىشتۇرغان ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ‹قايتا تەربىيە› سىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ‹كەلمەسكە كەتكۈزۈۋېتىش›» دەپ خۇلاسە چىقارغان.