ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشى داغدۇغا بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلماقتا

يېقىندىن بۇيان ئىچكىرى خىتايدا ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن يۈسۈپ رېشىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش باشلاپ بەرگەن «دوستۇم، مەن ئۈچۈن ھالال رېستوران ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ!» تېمىسىدىكى چاقىرىقنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كوللېكتىپ زىياپەت سورۇنىدا مەخسۇس چوشقا گۆشىدىن تەييارلانغان خاس قورۇمىلارنى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە يېگەنلىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئالاھىدە خەۋەر قىلىنىشقا باشلىدى.

9-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلەنگەن بەي خۇالىن ئىمزاسىدىكى «يېمەك-ئىچمەك پەرھىزلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، زامانغا لايىق تۇرمۇشقا ئىنتىلەيلى!» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى مارالبېشى ناھىيەسى ئالاغىر يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مۆمىن يېزىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى ئىسلام دىنىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ھەققىدىكى پەرھىزلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان.

شۇ كۈنى ئابلىكىمنىڭ باشچىلىقىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار سېرىقبۇيا بازىرىدىكى خىتاي رېستورانىدا مەخسۇس تەييارلانغان زىياپەتكە قاتنىشىپ قىزارتىپ پىشۇرۇلغان چوشقا كاللىسى، قىزغۇچ رەڭلىك چوشقا قورۇمىسى قاتارلىقلارنى يېگەن. ئابلىكىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «جۇڭخۇا يېمەكلىكلىرى دۇنيادا شۇنچە شۆھرەتلىك بولسىمۇ بىزدىكى دىنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن بىز يىللاردىن بېرى بۇنىڭغا ئېغىز تېگەلمەي كەلدۇق. بۈگۈندىن باشلاپ بىر مەيدان ‹تىل ئىنقىلابى› نى باشلاپ، دىنىي چەكلىمىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلايلى!» دېگەن ھەمدە كۆپچىلىككە ئۈلگە بولۇپ تەخسىدىكى چوشقا قورۇمىسىدىن بىر پارچىنى ئېغزىغا سېلىپ مەززە قىلىپ چاينىغان. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇيغۇر كادىرلار ئابلىكىمگە ئەگىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تېتىغاندىن كېيىن بىردەك باشمالتاقلىرىنى چىقىرىپ ماختاشتى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى يېقىندا تېلېۋىزىيەدە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەپ ھالال-ھارام ھەققىدىكى دىنىي چۈشەنچىلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ قانداق يېمەكلىك يېيىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

مارالبېشى ناھىيەسىدە ئۆتكەن مەزگىللەردە ئېغىر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكى «23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» بىرقەدەر زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋەقەلەردىن ھېسابلىنىدۇ.