CIA يېڭى دىرېكتور نامزاتى ۋىليام ج. بېرنس: «خىتايغا يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى CIA غا رەھبەرلىك قىلىشقا كۆرسەتكەن نامزاتى ۋىليام ج. بېرنس خىتايغا يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىليام بۇرنىس 24-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان باھالاش يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسزلىكى ھەققىدە توختالغاندا خىتاينى «دۈشمەن كۈچ ۋە ئامېرىكا ئسىتىخبارات ساھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ گيو-سىياسىي رىقابەتچىسى،» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇرنىس ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىش ئيىغىنىدا ئامېرىكاغا رەقىب بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭمۇ ئىنتايىن قەبىھلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، خىتاي بىلەن بولغان رىقابىتىمىز ئۇزۇن مۇساپىلىق بىر رىقابەت. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى رىقابەتكە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاساسلىقى خەۋپسىزلىك ۋە ئىدىيە جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى، بىراق بۇ قېتىمقىسى يوقىرى پەن-تېخنىكا ئىقتىدارىغا ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت بىلەن بولىدىغان رىقابەتتۇر.»

بۇرنىس ئەپەندى ئەگەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭ خىتايغا قارىتىلىدىغان ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى كۈچلەندۈردىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغقە ۋە كۈچلۈك خىتاي تىلى سەۋىيەسى بولغان خادىملارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇرنىس ئەپەندى تونۇلغان پىشقەدەم دېپلومات بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ئىئوردانىيەدە ۋە روسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. شۇڭا ئۇ دۆلەت مەجلىسىدە ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە لايىق كۆرۈلۈپ، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.