جورج سوروس: «خىتاي ئىقتىسادىي بۆھرانغا دۇچ كەلمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.01

ئامېرىكا سودا ساھەسىدە كۆپكە تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس ۋە مىلياردېر جورج سوروس يېقىندا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادىي كرىزىسقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

CNN نىڭ 31-يانۋاردىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جورج سوروس خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە غول تارماقلاردىن بولغان ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ 2021-يىلىدىن باشلاپ «يېرىلغان كۆپۈك» شەكلىگە ئۆتكەنلىكىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە تەڭلا كۆرۈلۈۋاتقان مەغلۇبىيەتنى ئوڭلاپ كېتىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسى پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغىلا پايدىلىق بولۇپ، تاپقان-تەرگىنىنى بۇ ساھەگە مەبلەغ قىلىپ سالغان شەخسلەرنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشى بارغانسېرى قىيىنغا چۈشمەكتىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتايدىكى ئومۇملىشىۋاتقان نازارەت مېخانىزمى ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىنى ئارقىغا چېكىندۈرمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئەمدىكى گەپ ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ بۇ بۆھراننى قانداق بىرياقلىق قىلىشىدا قالدى. خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان ئىشەنچى تەۋرىنىپ قالغان شارائىتتا ھاكىمىيەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۇزاققا سوزۇۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىگە چېتىشلىق ساھەدە بولۇپ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدە كۆرۈلگەن كىرىزىسلار، تاجسىمان ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ قايتىدىن يامرىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى قاتتىق قوللۇق كونترول چارىلىرى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىۋەتكەن. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى 2022-يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئۆتكەن يىلىدىكى سەككىز پىرسەنتلىك ئۆسۈشتىن تۆت پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.