سىمىت بىلەن مېركىلېي، داخۇا بىلەن خەيكاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق سېتىلىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلېي، 1-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ كوستكو ۋە IDA شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ داخۇا ۋە خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سىمىت بىلەن مېركىلېينىڭ مەكتۇپى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورلىرىغا ئەۋەتىلگەن. مەكتۇپتا، خەيكاڭ بىلەن داخۇانىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، شۇنداقلا بۇ ئىككى شىركەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ياردەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كوستكو بىلەن IDA نىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

سىمىت بىلەن مېركىلېي يەنە كوستكونىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنسىز بېلىقچىلىق ھەم ئۇيغۇر، شىمالىي كورېيەلىك ئىشلەمچىلەرگە دائىر باھالاش دوكلاتىغا ئائىت سوئاللارنى سورىغان. مەكتۇپتا يەنە كوستكونىڭ لاورىكس بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنىڭ داخۇا شىركىتىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، بۇ شىركەت «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ‹قارا تىزىملىك› كە كىرگۈزۈلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. IDA شىركىتىگە يېزىلغان مەكتۇپتا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن خەيكاڭ شىركىتى كامېرالىرىنىڭ گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشتا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى، داخۇا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش يۇمتالى ئارقىلىق خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا، كوستكو بىلەن IDA نىڭ داخۇا بىلەن خەيكاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق بازارغا سېلىشىغا ئائىت بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.