يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى «داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى» ياساپ چىققان كۆزىتىش كامېراسىنىڭ بىر مۇھىم ئىقتىدارى چىراي تونۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
مەزكۇر كۆزىتىش كامېراسىنىڭ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ كۆزىتىش ئاپاراتلىرىغا چۈشكەن كىشىنىڭ بارلىق جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرى توغرا كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە، ساقال-بۇرۇت، تىپىك بولغان يۈز قۇرۇلمىسى ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارغا بىنائەن شۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئايرىپ كۆرسىتىدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇ كىشىنىڭ ساقال-بۇرۇت قويغان-قويمىغانلىقى ياكى نۆۋەتتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ھەممىلا كىشى ماسكا تاقاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ خاتاسىز ھالدا ئۇيغۇرلارنى تونۇپ چىقالايدىكەن. ئىلگىرى خىتاينىڭ «Hikvision» شىركىتى دەل مۇشۇ خىل تېخنىكىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن ھەمدە كېيىنچە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىjى جازالىغان «قارا تىزىملىك» تىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇ خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن بولۇپ، تورداشلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ دەل مۇشۇ خىل كۆزىتىش كامېرالىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن «داخۇا» شىركىتىمۇ ئۆز ۋاقتىدىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «قار تىزىملىك» ىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.