ئامېرىكا ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى ئۆلتۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ، «دائىش» رەھبىرى ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تېررورچىلىرىغا قاراتقان نىشانلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمدا ئىسلام دۆلىتى يەنى «دائىش» نىڭ مالىيە مىنىستىرى ئابدۇلراھمان مۇستافا ئەل قادۇلى يوقىتىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دائىرىلىرى «دائىش» نىڭ ئۇرۇش مىنىستىرى ئۆمەر ئەل ششانىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان كارتېر مۇنداق دېدى: «بىز ‹ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى› نىڭ كابىنېت ئەزالىرىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىۋاتىمىز. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا زەربە بېرىش بەك زۆرۈر.»
ئۇ، بۇلارنىڭ يەنىلا يېتەرسىزلىكنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان نىشانلىق زەر بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كارتېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەت ئۆلتۈرۈلگەن «دائىش» نىڭ مالىيە مىنىستىرى چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە پىلانلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.