ئىستانسىمىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار رەسمىي ھۈججەت ئارقىلىق سىناق تەرىقىسىدە شۇ جايلاردىكى بۇتخانىلارغا تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دالاي لامانى سىياسىي بىر داھىي ئەمەس، بەلكى دىنىي داھىي سۈپىتىدە ياد ئېتىشكە بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىكەن. رايوندىكى مەلۇم بىر ئاھالىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، دائىرىلەر ئاممىغا دالاي لامانىڭ رەسىمىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئېسىلىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما دالاي لاما ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
گەرچە، يۇقىرىدىكى خەۋەر تېخى خىتاي رەسمىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رايونغا ساياھەتكە بارغان كىشىلەرمۇ دالاي لامانىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشقان.
بەزى تىبەتلىك كۆزەتكۈچىلەر بۇنى يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭنىڭ تىبەتلەرگە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر سىياسەت قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخى يېقىندىلا تىبەتتە تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتىدىغان يېڭى سېستىمىلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.