تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى دالاي لاما ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئورۇن باسار كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ، دالاي لامانى دىنىي ئەقىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ قىلغان سۆزىدە، 14 - دالاي لامانىڭ بۇنداق قىلىشىدا يوشۇرۇن مەقسىتى بارلىقىنى ئېيتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئورنىغا ئىز باسار قويۇش تۈزۈمىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، تىبەتلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئورۇن باسارىنى ئۆزلىرى بېكىتىش ئارقىلىق تىبەتلەر ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق تىبەتنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
دالاي لاما يېقىندا گېرمانىيە ئاخباراتىغا سۆز قىلغاندا «تىبەت بۇددىزمى پەقەت بىرلا ئىندىۋىدۇئال شەخسكە تايىنىپ قالسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئەمدى 5 ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دالاي لامالىق دىنىي ئەنئەنىمىزنى ئاخىرىلاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى. مۇستەقىللىق گېزىتى دالاي لامانىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنى تېخىمۇ ئىگىرىلەپ كونترول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.