دالاي لاما ئامېرىكىنىڭ مىنوسىتا شتاتىدىكى تىبەتلەر ۋە مۇرىتلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى

بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭغا كۆپرەك دەم ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭ 10-ئاي مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى زىيارەت پىلانىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەمما دالاي لاما چارشەنبە كۈنى مىنوسىتا شتاتىغا بېرىپ، تىبەتلەر ۋە مۇرىتلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ھەمدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ مىنوسىتا شتاتىدىكى تىبەت تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، سۆھبەت مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دالاي لامانىڭ شەخسى كاتىپى، نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەنلىكىنى، 3-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ھىندىستاندىكى دارام سالاغا قايتىپ دەم ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.