دانىيە تاللا بازارلىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىگە سېتىلىدىغان پاراشوكلارنىڭ سانىغا چەك قويغان

دانىيەگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەر دانىيە دۇكانلىرىدىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى بۇلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دانىيەدىكى تاللا بازارلىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىگە سېتىلىدىغان پاراشوكلارنىڭ سانىغا چەك قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا، خىتايدىكى يېمەك ئىچمەك بىخەتەرلىكىدىكى ئېغىر مەسىلە سەۋەب بولغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي خېرىدارلىرى سۈت پاراشوكلىرىنى توپ-توپ سېتىۋېلىپ مال جاھازلىرىنى قۇرۇقداپ قويغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئۆكتەبىر دانىيەدىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرى گۇرۇھى - «كۇۇپ» ھەر بىر خىتاي خېرىدارغا بىر دودا 12 قۇتىدىن ئارتۇق مال ساتماسلىقنى قارار قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەكسىچە خىتاي ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى دانىيە شىركەتلىرىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، باش شتابى دانىيەدىكى ئارلا يېمەكلىك گۇرۇھىنىڭ بۇ يىل خىتايغا ئېكسپورت قىلغان سۈت مەشغۇلاتلىرى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشقان.

2008-يىلى خىتايدا داڭلىق سەنلۇ شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدا يۇقىرى مىقدار زەھەرلىك ماددا بايقالغانلىقى، مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ 300 مىڭ بوۋاققا تەسىر قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ پۈتكۈل خىتايدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

ئەينى يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئاز دېگەندە بىر نەچچە بوۋاقنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان مەزكۇر سۈت پاراشوكى شىركىتىنى تاقىغان ۋە شىركەتنىڭ بىر نەچچە رەھبىرىنى جازاغا تارتقان ئىدى.