خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ لوبىچىلىق قىلغان ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون (David Cameron) نىڭ ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قىلىپ بېكىتىلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
13-نويابىر كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) داۋىد كامېروننى تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ سۇناك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىدىغانلىقىغا دائىر پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» ۋە «سىياسىيون گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، سابىق باش ۋەزىر داۋىد كامېرون خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا خېرىدار توپلاش ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلغان. ئۇ يەنە تالاش-تارتىش قوزغىغان سىرىلانكا پورتى تۈرىگە چەتئەل مەبلىغى يىغىش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ، ئىككى مەبلەغ سېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان. شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ بېشىدا سىرىلانكا قىرغاقلىرىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلغان.
داۋىد كامېرون يەنە قىممىتى بىر مىليارد فوندستېرلىڭلىق «ئەنگلىيە-خىتاي مەبلەغ سېلىش فوندى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئارتتۇرغان بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى (ISC) بۇ يىلنىڭ بېشىدا داۋىد كامېروننىڭ مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ چىقىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. مەزكۇر كومىتېت ئەينى چاغدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە تولۇق تاقابىل تۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.
مانا مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سابىق باش ۋەزىر داۋىد كامېروننىڭ ئەمدىلىكتە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم «X» تىكى ئىنكاسىدا، «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە دەرھال ئىزاھات بېرىشى كېرەك» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسونمۇ بۇنى «خىتاينىڭ غايەت زور كىشىلىك دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمىدىغان ئاتالمىش ئالتۇن دەۋر» دەپ ئەيىبلىگەن.