ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ دېھقانلارغا جەرىمانە قويۇشى نارازىلىق قوزغىدى

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى تۇمشۇق بازىرى 4-كەنتىدىكى پارتىيە ياچېيكا گۇرۇپپىسى كەنتتىكى دېھقانلارغا يېڭىدىن ھەر خىل جەرىمانىلەرنى قويغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان جەرىمانىلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ياڭاقلىقىدىكى ئوت چۆپلەرنى ئوتىمىغانلار، كەنتتە چاقىرغان يىغىنغا كەلمىگەنلەر، تېرىلغۇ يېرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئاغدۇرمىغان دېھقانلارنىڭ ھەممىسىلا جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇلغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى يېزا كادىرلىرى دېھقانلاردىن ئالغان جەرىمانە ئۈچۈن تالون كەسمىگەن ۋە بۇ پۇل كەنتنىڭ ھېساباتىغىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن.

نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانلاردىن تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار يىللاردىن بۇيان نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ھەر خىل ھاشار سېلىقلىرى ۋە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىدىغان «مۇقىملىقنى ساقلاش خىراجىتى» نامىدىكى ئالۋان-سېلىقلار تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.