ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ئېزىز قېيۇم دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگەن


شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىكنى تازىلاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ئەزىز قەييۇم ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ئەزىز قەييۇمنى پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ دېلو تۇرغۇزغان. تەپتىش مەھكىمىسى يەنە ئەزىز قەييۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ۋە ھەتتا دېلونى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەزىز قەييۇم شايار ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلامدىن ئۆسكەن كادىر بولۇپ، 1990 - يىللاردا ئونسۇ ناھىيەسىگە ھاكىم، كېيىنچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2003 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى، ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇزغان. 2016 - يىلى 5 - ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋەزىپىسىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق نازىر ئەزىز قەييۇم ئۈستىدىن تۇرغۇزغان دېلوسىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنىڭ ئۆزى گۇمان پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.