خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدە زېمىن داۋاسى قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ جايدىن ئۆتىدىغان دېڭىز قاتنىشىنى كونترول قىلماقچى بولغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى.
13-نويابىر كۈنى ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بالتون سۆز قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى دېڭىز قاتنىشىغا بەلگىلىمە قويماقچى بولغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنامغا تەۋە بولغان دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بولغان سۈنئىي ئاراللارنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، بۇ جايدىن ئۆتىدىغان خەلقئارالىق قاتناش لىنىيەسىنى چەكلىمەكچى بولغان.
سىنگاپوردا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمىسى» نىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جون بولتون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ۋە باشقا دەۋاگەرلەرنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان قاتناش لىنىيەسىگە چەك قويماقچى بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بۇ جايلاردا چارلاش مەشغۇلاتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ» دېگەن.
مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بولسا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ «بىز جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا قاتنىشىۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ رايوندا زومىگەرلىك ئورناتماقچى ئەمەس. ئەكسىچە بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ رايونغا تېخىمۇ زور تىنچلىق ئېلىپ كېلىش» دېگەن.
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي تەۋەسىدىكى بۇ خىل قىلمىشىغا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمىسى» گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك قارشى چىقىۋاتقان بولۇپ، شۇلار قاتارىدىكى مالايسىيا، بىرۇنېي، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىزچىل «خىتاي بىزگە تەھدىت پەيدا قىلماقتا» دەپ قاراپ كەلمەكتە ئىكەن.
تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى CNBC ئاگېنتلىقىنىڭ رىياسەتچىسى جىم كرەيمېر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولۇشتىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك «مېنىڭچە بىز خىتايغا قارشى جەڭگە ئاتلاندۇق، دېسەكمۇ بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ جەڭ ئاخىرلاشمىدى. ھالبۇكى بۇ جەڭنى يالغۇز سودا ئۇرۇشى، دەپ ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەس» دېگەن ئىدى.