ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش پاراخوتىنى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكۈزگەن

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ USS جون فىن (USS John Finn) ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى 24-يانۋار چارشەنبە كۈنى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق بۇ دېڭىز رايونىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق ۋە ئەركىنلىكىنى داۋاملىق نامايان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇش پاراخوتى جون فىننىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئامېرىكانىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ سەپەر ئەركىنلىكىنى پرىنسىپ سۈپىتىدە قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى «تەيۋەن خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەندىن سىرت، كېيىنكى يىللاردا چەتئەل ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلارنىڭ بۇ سۇ يولىنى قوللىنىشىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە باشلىغانىدى. ھالبۇكى، تەيۋەن بوغۇزى دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات توشۇش لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا توشۇلىدىغان يۈكلەر مۇشۇ لىنىيەدىن ئۆتىدىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەزكۇر باياناتىدا ئەسكەرتىپ: «ھېچقانداق دۆلەت ئۆز ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماسلىقى، تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىرغاق قوماندانلىق شتابى ئامېرىكانىڭ «رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى يامان غەرەزدە بۇزغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.