ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ئاقسارايدىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلاردىن تەشكىل تاپقان ئون نەچچە پالاتا ئەزاسى بايدېن ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يېزىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرىلىرىدىن بۇرۇن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى «تۆپىلىك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پالاتا ئەزاسى جىمى پانېتتا بىلەن مىشىل ستېلنىڭ باشچىلىقىدا يوللانغان بۇ مەكتۇپتا، ئىلگىرىكى جازالاشلارنىڭ «ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان مەۋجۇت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شىركەتلەرگە قارىتىلغانلىقى، بىراق خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سانائىتىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېنىق مەنبە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكادىكى «ئوكيان لايىھەسى» تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتى خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سانائىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دىققەت بېرىشنى زۆرۈر قىلماقتىكەن.

خەۋەرلەردە، ئامېرىكانىڭ 12 پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويغان بۇ مەكتۇپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تەي ھەم ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا كومىسسارى تروي مىللېرغا يېزىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەكتۇپتا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىرلار يىغىنىدىن بۇرۇن، خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى مۇزاكىرە قىلىپ ۋە چارە قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئالدىمىزدىكى دەلىللەرنى كۆزدە تۇتقاندا، بىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر بايانلارنى تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ ئەگەر بۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باش ئەگدۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بولسا، بىزنىڭ بۇلارنى چوقۇم تەكشۈرۈش ۋەزىپىمىز بار. »

يېقىندا ئامېرىكادىكى «ئوكيان لايىھەسى تەشكىلاتى» دوكلات ئېلان قىلىپ، شەندۇڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بەزى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان. بۇ دوكلات ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.