دەررېن بايلېرنىڭ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئامېرىكالىق ئىنسانشۇناس، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېرنىڭ «تېررورلىق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلاردىكى مەھرۇملۇق ۋە خىتاي شەھىرىدىكى ئەركەكلىك» ناملىق كىتابى ئامېرىكادىكى ئىككى نوپۇزلۇق ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دوكتور دەررېن بايلېرنىڭ 20-نويابىر كۈنى X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ 2022-يىلى 2-ئايدا ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابى ئامېرىكا مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق «گرېگورى بېيتسون مۇكاپاتى» ھەم ئامېرىكا قوللانما ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق «مارگارېت مېيد مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەررېن بايلېرنىڭ «مەزكۇر ئەسىرى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى ئارقىلىق مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ مۇرەككەپ مەنتىقىسى ۋە ئىشلەش جەريانىنى يورۇقلۇققا چىقارغان ئالاھىدە ئۆرنەك» بولغان؛ شۇنداقلا بۇ كىتابتا يەنە «شىنجاڭدا كاپىتالىزم بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك زوراۋانلىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا قارىتا شەپقەتسىز ۋە جىددىي تەنقىد يۈرگۈزۈلگەن» ئىكەن. ئامېرىكا مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، «دەررېن بايلېر ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىكى ئىنچىكە دېتاللارغا ئەپچىللىك بىلەن ھېسداشلىق قوزغاش ئارقىلىق ھەم زامانىۋى مۇھاسىرىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چەكلىمىسىنى ئېچىپ بەرگەن» .

دەررېن بايلېرنىڭ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلاردىكى مەھرۇملۇق ۋە خىتاي شەھىرىدىكى ئەركەكلىك» ناملىق بۇ كىتابى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەركىن بازار، دۆلەت كاپىتالىزمى ۋە كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسى نۇقتىئىنەزىرىدىن پەرقلىق رەۋىشتە شەرھلىگەن. بۇ كىتاب 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ۋە نوپۇسنى كونترول قىلىشقا دۇچ كېلىشى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقان بىر پەيتتە نەشر قىلىنغان ئىدى.