خوتەن لوپتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەردى

خوتەننىڭ لوپ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە، بۈگۈن يەنى 13-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەرس تاشلاپ، مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلماسلىق ئەھۋالىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېڭىدىن سېلىنغان مەزكۇر مەكتەپكە، ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل 4-ئايدا كۆچۈپ بارغان. ئۇ چاغدا مەكتەپ قۇرۇلۇشى تولۇق پۈتۈپ بولمىغان بولغاچقا، مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىدا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ بولماسلىقىنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار توغرا چۈشىنىپ ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئەمما مەكتەپ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا، مەكتەپ دەرۋازىسى، ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىق 4 ئاساسلىق نۇقتىنىڭ ۋىۋىسكىسى خىتايچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە يېزىققا ئورۇن بېرىلمىگەن. بۈگۈن بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەرس تاشلاپ، مەزكۇر ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دەسلەپتە مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرچە يېزىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ئەمما ئوقۇغۇچىلار، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلارنى كۆرسىتىپ، مەكتەپتىكى ۋىۋىسكىلارغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، ۋىۋىسكىلارنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا ۋەدە بەرگەن. نەتىجىدە 3 سائەت داۋاملاشقان نارازىلىق ھەرىكىتى تىنچ شەكىلدە ئاخىرلاشقان.

نۆۋەتتە، مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش‏-قىلماسلىقى ۋە نارازىلىق ھەرىكىتىگە قېتىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوراققا تارتىلىش-تارتىلماسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.