خىتاي تاراتقۇلىرى يۇرتىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن دەريا بويى ئاھالىسىنىڭ «بەختلىك تۇرمۇش» قا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە لاپ ئۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.11.25

«شىنخۇا تورى» نىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىدىن 2019-يىلى مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، يېڭى ئولتۇراق رايونغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ «بەختلىك تۇرمۇش» قا ئېرىشكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىنسانشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار، بۇ بىر خەلق ۋە ئىجتىمائىي توپلۇقنى ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىدىن مەجبۇرىي ئۇيغۇرلار ئايرىۋېتىش ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس شەكىللەندۈرۈشتۈر، دەپ قارىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، دەريا بويى يېزىسىنىڭ ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقى، ياشاش مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەر 2019-يىلى ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن توك، ئىچىملىك سۇ، داۋالاش ۋە مائارىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، شۇنىڭدەك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىرىمى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، «بەختلىك تۇرمۇش» قا ئېرىشكەنلىكى داۋراڭ قىلىنغان.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1 كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىگە جايلاشقان دەريا بويى ئاھالىلىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆچۈرۈش پىلانى» بويىچە پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلۈپ بولۇنغان. جەمئىي 364 ئائىلە، 1404 كىشى دەريا بويى يېزىسىنىڭ مەركىزى تېرىمدىن 91 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كېرىيە ناھىيەسى مەركىزىگە يېقىن بولغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئولتۇراق رايونى» غا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

ھالبۇكى، ئىلگىرىكى يىللاردا دەريا بويى يېزىسىدا ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2005-يىللىرىلا خىتاي ھۆكۈمىتى دەريا بويى يېزىسىدا نېفىت قىدىرىش ۋە بىڭتۈەننى كېڭەيتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەريا بويى يېزىسىنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان، شۇنداقلا ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتى بۇزغۇنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكلىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان خىلۋەت، گۈزەل ۋە بەرىكەتلىك ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، بىڭتۈەن تەۋەلىكىگە ياكى زاۋۇتلاشقان مەھەللىلەرگە ماكانلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مەھەللىۋى تىرىكچىلىك مۇھىتى ۋە ياشاش ئادەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، تامامەن كونتروللۇق ئاستىدىكى قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلغان. بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان دوكتور دەررېن بايلېر، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.