ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى دىلنىگار ئىلھامجان ۋەقەسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك سۆز ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقاردى
2022.02.10
2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىلنىگار ئىلھامجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنى ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۆز ئۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.
دىلنىگارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەشئەل كۆتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى خۇددى 1936-يىلى يەھۇدىيلارغا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ناتسىست ھاكىمىيىتى ساھىبخانلىقىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسدا بىر يەھۇدىي ئايالنى مەشئەل كۆتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىنىغا ئوخشىتىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
بۇ ۋەقە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن سىرت، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، ب ب س، ۋاشىنگتون پوچتىسى، س ن ن ۋە شۇنىڭدەك باشقا نۇرغۇن خەلقئارالىق چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەس-بەستە خەۋەر قىلىنغان. ھەتتا ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جەن ساكىمۇ 7-فېۋرال كۈنى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ «بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە تاللانغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. ئۇ جايدا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىز دىپلوماتىك ئۆمەكنى مۇسابىقىگە ئەۋەتمىدى» دېگەن.
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجەن بولسا 9-فېۋرال كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جەن ساكىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ؛ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا كىم ئاساسلىق مەشئەلچى بولۇشى نورمال ئورۇنلاشتۇرۇش، ئامېرىكانىڭ مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىپ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ ؛ «بۇ دېگەن ئامېرىكا پەيدا قىلغان ئەسىرنىڭ يالغانچىلىقى. ئامېرىكانىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئارقىلىق خىتاينى يامان غەرەز بىلەن تىللاشتەك قەبىھ مۇددىئاسىنى تولۇق ئاشكارىلايدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قاقشىغاندىن سىرت يەنە ئامېرىكانى تارىختا «ئىندىئانلارنى قىرغان» دەپ ھۇجۇم قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزىنى دىلنىگارنى ئەڭ ئاساسلىق مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى دەۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» گە كۈچلۈك دىققەت تارتقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا يول ئاچقانىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان تەشۋىقات رەسىمىدىكى پەخىرلىك كۆز ياشلىرى ئىچىدە دىلنىگارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلى يېقىشىنى كۆرۈۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئەرلەرنىڭ بولماسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئىجتىمائىي ھاياتتىن تازىلاپ يوقىتىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىگە دىققەت تارتقان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، دىلنىگارنى مەشئەل كۆتۈرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش نىيىتىگە يېتەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەن.